ھۇجۇملارنىڭ توققۇز كېچىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «ھۇجۇملار ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان سودا پاراخوتلىرىنى ۋە پۇقراۋى دېڭىزچىلارنى نىشان قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.
ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دۆلەتنىڭ بەزى رايونلىرىدا پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خۇزىستان ئۆلكىسىگە جايلاشقان ماھشەھر ۋە بەندەر ئىمام خۇمەينى پورت شەھەرلىرىنى نۇرغۇنلىغان رايونلاردا پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
















