رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدىكى ھەربىي سانائەت ئەسلىھەلىرىگە « كەڭ كۆلەمدە» زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يەكشەنبە (2026-يىلى 19-ئىيۇل) كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا پايتەختىنى نىشان قىلغان كېچىلىك ھۇجۇملىرىدا بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 15 كىشى يارىلانغان. بۇ ھۇجۇملار كىيېۋنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپلىگەن ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكۈزگەن، بىنالارنىڭ پارچىلىرى ھەممە يەرگە چېچىلىپ كەتكەن.
فەيسبۇكتا(Facebook) ئېلان قىلىنغان رەسمىي ئۇچۇرغا قارىغاندا، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈش ۋە خارابىلىقلارنى تازىلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن.
شەرقىي جەنۇبتىكى زاپورىژيا رايونىدا ئۇچقۇنىڭ يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. رايون باشلىقى ئىۋان فېدوروۋ تېلېگرامدا (Telegram) بۇ ۋەقەدە بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى ھۇجۇم جەريانىدا 18 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 108 دانە ئۇچقۇنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيەنىڭ شىمالىدىكى ستاۋروپول رايونىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر ۋىلادىمىروۋ تېلېگرامدا، كېچىلىك ھۇجۇملاردىن كېيىن، بىر سانائەت رايونىدا ئوت كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ ئورۇن ئاھالىلەر رايونىدىن يىراق، تۇرالغۇ بىنالارغا ھېچقانداق تەھدىت يوق» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ukraine drone attack kills seven, wounds 24 in Russia: official
رۇسىيە: ھەربىي ئەسلىھەلەر نىشان قىلىندى
رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كىيېۋغا قىلىنغان ھۇجۇمنى جەزملەشتۈرۈپ، رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۇكرائىنا پايتەختى ۋە ئەتراپىغا جايلاشقان رايونلاردىكى ھەربىي سانائەت ئەسلىھەلىرىگە، ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرىگە، شۇنداقلا ئودېسسا رايونىدىكى ھەربىي قورال-ياراغلارنى ساقلاش ۋە يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدىغان يۇجنىي پورتىدىكى ئۇل- ئەسلىھەلەرگە « كەڭ كۆلەمدە» زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىقنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ھەرىكىتى كىيېۋدىكى رادىيونىكىس (Radioniks)، سپېتسو بورونماش/ئارتېم (Spetsoboronmash/Artem)، مېرىدىيان (Meridian) ۋە ئوكلېين (Oakline) قاتارلىق مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇلار باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇ ۋە باشقا ھەربىي سىستېمىلار ئۈچۈن زاپچاس ئىشلەپچىقىرىدىكەن ياكى تەمىنلەيدىكەن.
مىنىستىرلىق يەنە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تارا سوۋكا رايونىدىكى ئۇچقۇ زاپچاسلىرىنى قوراشتۇرۇش ۋە تارقىتىش ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىگە زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ نىشانلار ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئېلېكترونلۇق جەڭ پىروگراممىلىرىنى قوللايدىكەن.
مىنىستىرلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچىلىك ھۇجۇملىرى جەريانىدا، قوشۇۋېلىنغان قىرىم ھەمدە ئازوۋ ۋە قارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇكرائىنانىڭ 140 دانە ئۇچقۇسى پاچاقلاپ تاشلانغان.
ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ ئۇچۇرلارنى مۇستەقىل مەنبەلەر ئارقىلىق جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russian strikes kill at least four in Ukraine as Moscow says it intercepted 243 drones
















