تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈرك بوغۇزلىرىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىغان «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمى»نىڭ 90 يىلدىن بىرى بىتەرەپلىك، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە ئىنچىكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»
تۈركىيە: «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى 90 يىلدىن بىرى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتىمىز»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈرك بوغۇزلىرىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىغان «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمى»نىڭ 90 يىلدىن بىرى بىتەرەپلىك، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە ئىنچىكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېلىشىمنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئەنە شۇنداق قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقتىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈرك بوغۇزلىرىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىغان ۋە تۈركىيەنىڭ بوغۇزلار ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى جەزملەشتۈرىدىغان «مونترو بوغۇزلار كېلىشىمى»نىڭ قارادېڭىزدىكى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ ئاساسلىق كاپالەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مەيلى تىنچلىق مەيلى ئۇرۇش مەزگىللىرىدە بولسۇن، ئۆز كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ كەلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە بۈگۈنگىچە بولغىنىدەك، بۇندىن كېيىنمۇ مونترو بوغۇزلار كېلىشىمىنى ئەنە شۇنداق قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ».

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز