ھىندىستاندا غەربىي جەنۇبىي مۇسسۇن يامغۇرلىرى تۇرمۇشقا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە.
دائىرىلەر جاممۇ كەشمىر ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىدە كەم دېگەندە 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىدە چاقماق سوقۇش نەتىجىسىدە 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن يوللارنىڭ قاتناشقا تاقالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان دائىرىلەر، ناگالاند ئۆلكىسىدىكى سۇ ئاپەتلىرىدە 3 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
دائىرىلەر ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھىندىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (IMD) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دۆلەتنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن قارا يامغۇرنىڭ داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.




















