ئىران پارلامېنت رەئىسلىكىنىڭ تېلېگرام قانىلىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇھەممەد باقىر قالىبافنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە باغداد خەلقئارا ئايرودرومىدىكى قاسىم سۇلايمانى خاتىرە مۇنارىنى زىيارەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
قالىبافنىڭ ئىراقتىكى رەسمىي زىيارىتىنىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
تەۋسىيە
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە قاراشلىق قۇددۇس قىسمىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلايمانى ۋە ھەشدى شەئبى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەبۇ مەھدى ئەلمۇھەندىس 2020-يىلى 3-يانۋاردا، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى خەلقئارا باغداد ئايرودرومى يېقىنىدا ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنىدى.



















