غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭ 399 غا يەتتى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىنغان 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 1 مىڭ 265 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭ 399 غا يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭ 399 غا يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭ 399 غا يەتتى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا كۆرۈلگەن تالاپەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى.

يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا 5 جەسەت ۋە 18 يارىدارنىڭ كەلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، جەسەتلەردىن ئىككىسىنىڭ يېڭى ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا، ئۈچىنىڭ بولسا خارابىلىكلەر ئاستىدىن چىقىرىلغانلارغا تەۋە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغان 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 1 مىڭ 265 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 4 مىڭ 198 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، خارابىلىكلەر ئاستىدىن بولسا 813 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 73 مىڭ 399 غا، يارىلانغانلار سانىنىڭ 174 مىڭ 310 غا يەتكەنلىكى بايان قىلىندى.

غەززە رايونىدا خارابىلىكلەر ئاستىدا يەنىلا مىڭلىغان جەسەتنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
بېرلىندىن دەمەشقكە تەخمىنەن 14 يىلدىن كېيىن تۇنجى بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنايدىغان بولدى
ئىران ۋە ئومان ھۆرمۈز بوغۇزى قاتناش لىنىيەسى خەرىتىسىدە كېلىشتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ»
ئىران ترامپنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى باياناتىنى رەت قىلدى
رۇمېنىيە ھاۋا بوشلۇقىغا قانۇنسىز كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىنى بىر تۋىت، بىر ئاۋىياماتكا ياكى سايلام نۇتقى بىلەن ئىگەللىۋالغىلى بولمايدۇ
ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدا تۈن نىسبىدە يەر تەۋرەش يۈز بەردى
ھىندونېزىيەدە 7.7 بال يەر تەۋرىدى
تۈركىيە پاكىستاننى مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى
ئىران ئۇرۇشىدىن كىم پايدا ئالدى؟
كۇبا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇبالىق دىپلوماتلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ناتو ئايروپىلانلىرى لاتۋىيە تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىدا ۋە شېھىت يېقىنلىرىنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئاسراشتا چىڭ تۇرىدۇ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئالماشتۇردى
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى