خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھۇجەير ۋادىسىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، خىيام بازىرىغا ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ئوق چىقاردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىن لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋا ھۇجۇمى (ئارخىپ)

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-مارتتىن بۇيانقى ھۇجۇملاردا 4346 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يېرىم كېچىدىن كېيىن ھۇجەير ۋادىسىنىڭ كانتارا يۆنىلىشىگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى يەنە خىيام بازىرىنى ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ئوققا تۇتقان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېچىدە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىنت جۇبەيل ناھىيەسىگە قاراشلىق ھەداسا بازىرىغىمۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

NNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھەداسانىڭ غەربىي مەھەللىسىگە ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ئوق چىقارغان. شۇ ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭمۇ بازار ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2-مارت لىۋانغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى باشلاپ، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايلارنى ئىشغال قىلغان ئىدى. لىۋان ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا دۆلەت ئىچىدە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 17-ئاپرېل كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى كېيىن بىر نەچچە قېتىم ئۇزارتىلغان. شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 15-ئاۋغۇست تاڭ سەھەردە لىۋانغا يەنە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بۇيان لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4346 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئالماشتۇردى
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى
ترامپ ئەنقەرەدىن ئايرىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان ئالماشتۇردى؟
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «مەككە كېلىشىمى ھېچقانداق دۆلەتنى تۇتمايدۇ»
رۇسىيەدىكى ئورسك نېپىت ئايرىش زاۋۇتى زەربىگە ئۇچراپ پۈتۈنلەي ئىشتىن توختىتىلدى
نەمرۇت تېغىنىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا
سۈرىيە كولۇمبىيە ئۈستىدىن ب د ت غا ئەرز سۇندى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى نەتىجىسىدە كراسنودار رايونىدا 2 كىشى ئۆلدى»
فرانسىيە ۋە 25 دۆلەت ئىراننىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنى ئەيىبلىدى
گرېتسىيەدە بىر ھەپتىدە 45 يېڭى غەربىي نىل ۋىرۇسى كېسىلى كۆرۈلدى
ھىندونېزىيەدە دېڭىزدا بەش كىشى يوقاپ كەتتى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانسىيەنىڭ تەنقىدلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن كۇرىل ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى
ئىران: «شەرتلىرىمىز قوبۇل قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
ئىران پىرېزىدېنتى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى تېھراندا قوبۇل قىلدى