ۋاتىكاننىڭ ئورگان تاراتقۇسى «ۋاتىكان خەۋەرلىرى» (Vatican News) تور بېكىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋاتىكان دۆلەت باشلىقى پاپا 14-لېئو (Papa 14. Leo) يەكشەنبە كۈنىدىكى دۇئادىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ياشاۋاتقان پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە، پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان ۋە قايتا-قايتا سادىر بولۇۋاتقان بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاپا خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاب قىلىپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش لايىھەسىگە ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىققا بارىدىغان يولدا ئەمەلىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 12-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەربىي قىرغاقتا پەلەستىن زېمىنلىرىنى تارتىۋالغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى.
ب د ت نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2026-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان تەخمىنەن 260 پەلەستىن مەھەللىسىنى نىشان قىلغان 1430 دىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خاتىرىلەنگەن. ئۆي-ماكانلارنى ۋەيران قىلىش ۋە قوغلاپ چىقىرىش قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن، تەخمىنەن يېرىمى بالىلار بولۇپ جەمئىي 3800 پەلەستىنلىك يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان.




















