ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا-ئىران سۆھبەتلىرىگە ئارىلىشىپ قالغان تەقدىردە ئومانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى، شۇنداقلا ۋاشىڭتوننىڭ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى مەسئۇللىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
دۈشەنبە كۈنى Fox News تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئوماننىڭ ئىران ۋە ھورمۇز بوغۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆھبەتلەردىكى رولى سورالغاندا ترامپ: «ئەگەر ئومان توسالغۇ بولسا، بىز ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز» دېدى.
ئىران شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەپتىلەرچە داۋاملاشقان تېخنىكىلىق سۆھبەتلەردىن كېيىن ھورمۇز بوغۇزى ئۈچۈن بىر كېمە قاتنىشى لىنىيەسى خەرىتىسى مەسىلىسىدە ئومان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئىران مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان ترامپ، تېھراننىڭ «ئاق بايراق چىقىرىپ تەسلىم بولۇشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلار ياخشى ئويۇن ئويناۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار تۈگەشتى» دېدى.
ۋاشىڭتوننىڭ ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى بىلەن مەخپىي بىر ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ترامپ: «ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى بىلەن ئاستىرتىن بىر ئالاقە يولىمىز بار. ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى مەسئۇللىرى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىۋاتىمىز» دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى
ترامپ غەززە مەسىلىسى توغرىسىدا: «ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) قورال تاشلاشنى قوبۇل قىلدى» دېدى.
ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) بىلەنمۇ ئايرىم بىر ئالاقە يولى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) بىلەن باشقىچە بىر يولىمىز بار، ئۇلار ئاخىرىدا قوراللىرىنى تاپشۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.
ترامپ ئىسرائىلىيە سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، دۆلەتتىكى سايلاملاردىن سىرتتا تۇرۇشنىڭ «ئەڭ مۇۋاپىق» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرەر نامزاتنى قوللاش ئېھتىماللىقىنڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيە سايلاملىرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشۇم ئەڭ توغرا يول دەپ ئويلايمەن، ئەمما بىرەرسىنى قوللىشىم مۇمكىن.»


















