ئۇكرائىنا پېرىزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 3 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلىتىگە قارىتا ھاۋا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى ئارقىلىق ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى 9-مايدىن 11-مايغىچە بولغان 3 كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالدىنقى فرونت لىنىيەسىدىكى ئەھۋاللار ئۈستىدە توختالدى.
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بۇ كېچە دۆلىتىگە 200 دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (SİHA) بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئالدىنقى فرونت لىنىيەسىگە 80 دىن ئارتۇق ھاۋا بومبىسى تاشلاندى، 30 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى رۇيخەتكە ئېلىندى» دېدى.
زېلېنسكىي ھاۋا ھۇجۇملىرىدا دنىپروپېتروۋسك، كىيېۋ، جىتومىر، خاركىۋ، سۇمى بىلەن مىكولايىۋ ۋە چېرنىگىۋ رايونلىرىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيە بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان قىسمەن ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆزى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى» دېدى.
دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ئولتۇراق بىنالار بىلەن بىر بالىلار باغچىسى ۋە بىر پويىزنىڭمۇ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالغان زېلېنسكىي: «بۇ ھۇجۇملار نەتىجىسىدە يارىلانغانلار بارلىقى مەلۇم. ئەپسۇسكى ئۆلگەنلەرمۇ بار» دېگەن ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىدى.
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلگىرىمۇ بايانات بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، دائىملىق ۋە سىجىل ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەدەم بېسىشى كېرەك» دېگەننىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن بېرىلگەن يازما باياناتتا بولسا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ كېچە ئۇكرائىناغا 216 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن 192 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى، قالغانلىرىنىڭ بولسا دۆلەتتىكى 10 ئايرىم نۇقتىغا چۈشكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسى
رۇسىيە پېرىزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىلگىرى 9-ماي غەلىبە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 8 ۋە 9-ماي كۈنلىرى ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش قارارى چىقارغان ئىدى.
ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپمۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 9-مايدىن 11-مايغىچە بولغان 3 كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىق ھەربىي پائالىيەتلەرنى توختىتىشنى ۋە ئىككى دۆلەتتىن 1000 دىن ئارتۇق ھەربىي ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنامۇ ترامپنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.








