ئامېرىكا بازىلىق «Pan American» ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە ئائىت «Clipper Endeavor» ئىسىملىك «Douglas DC-4» تىپلىق ئايروپىلان، 1952-يىلى 11-ئاپرېلدا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي موتورىدىن كاشىلا چىققانلىقى سەۋەبلىك پورئو رىكو قىرغاقلىرىدا ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
ئالدى بىلەن دېڭىزغا چۈشكەن ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرى تۇنجى زەربىدىن ئامان قالغان بولسىمۇ، ئايروپىلاننىڭ سۈرئەت بىلەن چۆكۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش يىلىمى (پىنتەك) ۋە قۇتقۇزۇش قېيىقلىرىغا ئېرىشىش قىيىنلاشقان ئىدى.
ئايروپىلاندىكى 69 كىشىدىن پەقەت 17 كىشىلا ھايات قالدى.
ئايروپىلاننى ئىزدەش ئۈچۈن ئامېرىكا بازىلىق «ھاۋا/دېڭىز مىراسى ۋەقىپى» نىڭ ھەمكارلىقىدا باشلانغان خىزمەتلەر نەتىجە بەردى.
ئورگاننىڭ تور بېكىتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىزدەش ئەترەتلىرىنىڭ يىللارچە داۋاملاشتۇرغان خىزمەتلىرىدىن كېيىن، 2-ئىيۇندا ئايروپىلاننىڭ گۆۋدىسى ۋە قۇيرۇقىنى تەخمىنەن 610 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا دېڭىز ئاستى تېزگىنەكلىك كېمە ئارقىلىق بېكىتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بۇ پاجىئە، سودا ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەر بىر سەپەر ئالدىدا مەجبۇرىي قىلىنغان بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى ۋە قۇتقۇزۇش پىنتىكىنى ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى ئۆلچەملىرىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا يول ئاچقان ئىدى.




















