بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ۋەكىللەر ئۆمىكى، كۈچەيگەن چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنىڭمۇ تەسىرى بىلەن بۇ يىلنىڭ بىرىنچى ئالتە ئېيىدا 1396 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 7978 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش نىسبىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا % 37 ئاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇكرائىنادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دانىئېل بېل، جەنۋەدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «1396 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 7978 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتۇق. بۇ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 37 ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.
پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى رەت قىلغان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا، تەخمىنەن تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا رەھبەرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ توختاپ قېلىشى بىلەن بىرگە، ئاخىرقى ئايلاردا بىر-بىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى، يېقىنقى كۈنلەردە ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە مىقياسىدا پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆپلىگەن ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
باياناتچى سامىن ئەلخىتان مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «پۇقرالار ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەر خەلقئارا ئىنسانىيەت قانۇنى دائىرىسىدە قاتتىق قوغدىلىدۇ، بۇ خىل قەستەن قىلىنغان ھۇجۇملار ئۇرۇش جىنايىتىدۇر» دېدى.


















