شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخى ئىلگىرى رۇسىيە دۆلەت رەئىسى ولادىمىر پۇتىن تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەرگېي لاۋروۋ شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، لاۋروۋ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان چو بىلەن پايتەخت موسكۋادا بىركۆرۈشكەن.
سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىككە ئائىت مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
لاۋروۋ سۆھبەتنىڭ بېشىدا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى ولادىمىر پۇتىن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «ئىككى رەھبەرنىڭ پايتەخت پيوڭياڭدا 2024-يىلى قوبۇل قىلغان قارارلىرى ئىزچىل شەكىلدە ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بۇ مۇساپىگە ئاكتىپ تۆھپە قوشماقتا».
لاۋروۋ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىككە ئائىت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۆھپە قوشۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە زېمىنىدىكى كۇرسك رايونىنى ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىدىن تازىلاش مۇساپىسىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو ئىلگىرى رۇسىيە دۆلەت رەئىسى ولادىمىر پۇتىن تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان ئىدى. سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن ئىدى.


















