ئاستانا (AA) : جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «يىپەك يولىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى جۇلاسى بولغان كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلمەكتە. بىز قازاقىستان ۋە باشقا شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە بۇ كارىدورنى پەقەت مال توشۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ غەربكە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاستانادىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېۋ بىلەن يالغۇز كۆرۈشكەن ۋە تۈركىيە-قازاقىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئىككى رەھبەر ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىندا، قىزغىن مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن توقايېۋغا رەھمەت ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى:
«يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىنى بىر ئاز بۇرۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىدۇق. نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويدۇق. ھۆرمەتلىك توقايېۋ ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمىزدە سودا، تىرانسپورت، ئېنېرگىيە، سەھىيە، كانچىلىق، مەدەنىيەت، مائارىپ، تېخنىكا ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلدۇق. سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلىرىمىزنى قازاقىستاندىكى مەبلەغ سېلىشلىرىنى كۆپەيتىشكە ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىزنى مۇستەھكەملەيدىغان رىشتىلەرنى ئورنىتىشقا داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇۋاتىمىز. ھۆرمەتلىك توقايېۋ بىلەن بىرلىكتە سۆز قىلىدىغان تۈركىيە-قازاقىستان سودا مۇنبىرى مۇناسىۋىتى بىلەن، سودا-سانائەتچىلىرىمىز ئارىسىدا ئىنشائاللاھ يېڭى ھەمكارلىقلارغا شاھىت بولىمىز. سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغان ھەربىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلەرنىمۇ بۈگۈن مۇزاكىرە قىلدۇق. ھازىردىن باشلاپ خەيرلىك ۋە مۇبارەك بولسۇن دەيمەن.»
«تۈركىيە مائارىپ ۋەخپىنىڭ ئىككى مەكتەپ ئېچىشى ئۈچۈن خىزمەتلەر باشلاندى»
ئېنېرگىيەدە مەنبەلەرنى كۆپ خىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يېقىنقى يىللاردا تاشلىغان قەدەملىرىدە قازاقىستاننىڭ ئالاھىدە بىر ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خام نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان قازاقىستاندىن تېخىمۇ كۆپ مىقداردىكى نېفىتنى دۆلىتىمىز ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
ئەردوغان شەرقىي ئاقدېڭىزدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېتەكلىرىگىچە سوزۇلغان جۇغراپىيەدە «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» شوئارى بىلەن يېڭى كۆۋرۈكلەرنى بەرپا قىلىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى، ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ پىكىرلىرىنى، ئەسەرلىرىنى ۋە مەنىۋى مىراسلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز دەپ قارايمىز. ھۆرمەتلىك توقايېۋنىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىيە مائارىپ ۋەخپىنىڭ ئاستانا ۋە ئالمۇتادا بىردىن مەكتەپ ئېچىشى ئۈچۈن خىزمەتلەر باشلاندى. بۇ خۇشاللىنارلىق قەدەم سەۋەبىدىن ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنتقا سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلاردا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن.»
«قازاقىستاننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى قوللىشىنى ھەر دائىم يېنىمىزدا ھېس قىلدۇق»
6-فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشلەرنىڭ ئارقىسىدىنلا، قازاقىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان قېرىنداشلىق رىشتىسىگە 86 مىليون خەلق سۈپىتىدە شاھىت بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «ئۇ قىيىن مەزگىلدە قازاق قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ماددىي، مەنىۋى قوللىشىنى ھەر دائىم يېنىمىزدا ھېس قىلدۇق. بۈگۈنمۇ قازاقىستاننىڭ غازىئانتەپنىڭ نۇرداغى ناھىيەسىدە سېلىپ بەرگەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئەزىز قېرىندىشىم بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن زور بەختىيارلىق ھېس قىلىۋاتىمەن. تۈركىستاننىڭ پىرى خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ئىسمىنى بەرگەن بۇ مەكتىپىمىزدە يېتىشىپ چىقىدىغان بالىلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىمىزنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن» دېدى.
قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋغا ئۆزىگە تەقدىم قىلىنغان «خوجا ئەھمەد يەسەۋى ئوردېنى» ئۈچۈنمۇ چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتقان ئەردوغان، بۇ ئوردېننى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەۋرەنمەس قېرىنداشلىقنىڭ كۈچلۈك سىمۋولى سۈپىتىدە تاقاشتىن بەختىيار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىمۇ ئەتراپلىق شەكىلدە باھالىدۇق»
ئەتە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختى تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (TDT) دۆلەت رەھبەرلىرى غەيرىي رەسمىي ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«قازاقىستاننىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىشىشىگە باشتىن تارتىپلا قوشقان قىممەتلىك تۆھپىلىرى ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. ئەتە بولىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىمىزدا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىل قاتناشتۇرۇشىدىن مەمنۇنمىز. بۈگۈن ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت بىلەن رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىمۇ ئەتراپلىق شەكىلدە مۇھاكىمە قىلدۇق. ئەزىز قېرىندىشىم پىرېزىدېنت ھۆرمەتلىك توقايېۋغا ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كۆرسەتكەن ئالاھىدە مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئوي-پىكىرلەر بىلەن كېڭەش يىغىنىمىزنىڭ خەيرلىك ئىشلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمەن. قازاق قېرىنداشلىرىمىزغا تەن ساقلىقى، ئامانلىق ۋە پاراۋانلىق تىلەكلىرىمنى يوللايمەن.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى «كۆپ رەھمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان قازاقچە «كۆپ راخمەت» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.














