قوشنا دۆلەت گۇيانا بىلەن بولغان ئېسېكۇئىبو رايونى تالاش-تارتىشىغا ئائىت خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا كۆرۈلۈۋاتقان دېلونى كۆزىتىش ئۈچۈن گوللاندىيەنىڭ لاخاي شەھىرىگە بارغان رودرىگۇئېز ترامپقا رەددىيە قايتۇردى.
ۋېنېسۇئېلا ۋاقىتلىق پېرىزىدېنتى دېلسى رودرىگۇئېز ترامپقا ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دېدى:
«بۇنداق بىر ئىشنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ۋېنېسۇئېلالىقلارنى خاراكتېرلەندۈرىدىغان ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى، بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزگە ۋە بۇ كۈرەشنىڭ قەھرىمانلىرىغا بولغان سادىقلىقىمىزدۇر. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز»
ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدىكى دىپلوماتىك كۈنتەرتىپنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن رودرىگۇئېز: «بىزنىڭ تارىخىمىز بىزنى بىر مۇستەملىكە ئەمەس، بەلكى ئەركىن بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان ئەر-ئاياللارنىڭ غەلىبىلەرگە تولغان كۈرىشىدۇر» دەپ باھا بەردى.
ئامېرىكا فوكس خەۋەرلىرى (Fox News) مۇخبىرى جون روبېرتسقا تېلېفوندا بەرگەن باياناتىدا، ۋېنېسۇئېلا ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشقان ترامپ، ۋېنېسۇئېلانى ئامېرىكانىڭ 51-ئىشتاتى قىلىشنى «ئەستايىدىل» ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ: «ۋېنېسۇئېلا ترامپنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.
ۋېنېسۇئېلا پېرىزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ 3-يانۋاردا كاراكاستىكى ئۆيىدىن ئامېرىكاغا ئېلىپ كېتىلىشىدىن كېيىن ۋېنېسۇئېلا بىلەن نېفىت كېلىشىمى تۈزگەن ترامپ، بۇ مەسىلىگە ئائىت باياناتلىرىدا رودرىگۇئېز بىلەن «ياخشى چىقىشىدىغانلىقىنى» ئېيتقان ئىدى.
ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپ ئىلگىرىكى باياناتلىرىدىمۇ ۋېنېسۇئېلانى ئامېرىكاغا قاراشلىق بىر ئىشتات قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.








