ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدىن سەل بۇرۇن ئېلان قىلغان ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ، توقۇنۇشتىكى «ئاخىرلىشىشنىڭ باشلىنىشى» بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رۇسىيە قىسىملىرى سەيشەنبە كۈنى كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان.
پايتەخت ھەربىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تيمۇر تكاتشېنكو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«دۈشمەننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھازىر كىيېۋ ھاۋا بوشلۇقلىرىدا، شۇڭا تاكى سىگنال ئاۋازى توختىغانغا قەدەر بىخەتەر جايدا تۇرۇڭلار.»
مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى جۈمە كۈنىدىن بۇيان پايتەختتە بېرىلگەن تۇنجى سىگنال بولدى.
كىيېۋ رايونلۇق ھەربىي ئىشلار باشقارمىسى ئاھالىلەرنى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشقا چاقىرىپ، رايوندىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلبىسىنى خاتىرىلەش كۈنىدىن (11-9-ماي كۈنلىرى) بىرنەچچە سائەت بۇرۇن ئېلان قىلغان ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ، 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا «ئاخىرلىشىشنىڭ باشلىنىشى» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان «پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار» مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.













