تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئاداناغا «ۋەتەنپەرۋەر» ئورۇنلاشتۇرۇلدى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاداناغا «ۋەتەنپەرۋەر» (Patriot) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاداناغا «ۋەتەنپەرۋەر» ئورۇنلاشتۇرۇلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زەكى ئاكتۈرك 10-رېئاكتىپ ئايروپىلان بازىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلماقتا. ئانادولۇ گېنتلىقى. / AA

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زەكى ئاكتۈرك چارشەنبە (2026-يىلى 18-مارت) كۈنى مۇنداق دېدى: «بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئىراننىڭ بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن، بۇ قوشۇمچە سىستېما ھاۋا تەۋەلىكىگە كېلىدىغان تەھدىتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسپانىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارېيەسىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى گېرمانىيەنىڭ رامشتىندىكى ناتو ئىتتىپاقداش ھاۋا قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قوشۇمچە بىر يۈرۈش «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا  سىستېمىسىنىڭ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئادانا ۋىلايىتىدىكى ھازىر بار بولغان ئىسپانىيە «ۋەتەنپەرۋەر» سىستېمىسىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئادانا ئىنجىرلىكتىكى 10-رېئاكتىپ ئايروپىلان بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالدى.

ئۇ بۇ باتارېيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ «ھاۋا تەۋەلىكىمىز ۋە پۇقرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت سەۋىيەسىدە ئېلىنغان قوشۇمچە تەدبىر» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ 13-مارت (2026) كۈنى ئىران تەرىپىدىن ئېتىلغان ۋە تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئاقدېڭىزنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ناتو ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ: «بىز ۋەقەنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار دۆلەت بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالىدىغان ھەر قانداق خەۋپكە قارشى بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قەتئىيلىك بىلەن ئېلىۋاتىمىز ۋە رايونىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېدى.

-28فېۋرال (2026) كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم قوزغاپ، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى ھامەنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 1300 ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتتى.

ئىران بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ تەسىرىدە دۇنيا بازىرى ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى قالايمىقانلاشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye readies Patriot defence system to protect its airspace amid Iran war

باياناتچى زەكى ئاكتۈرك ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلىپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا داۋاملىق بېسىم چۈشۈرۈۋاتىدۇ، جۈملىدىن مۇبارەك رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلىۋاتقان بېسىمىنى توختىتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش» قا يەنە بىر قېتىم چاقىردى.

 ئۇ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنىڭ «تېزرەك» ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ «ت ج گ گۆكسۇ»  (TCG Göksu)،  «ت ج گ بايراكتار» (TCG Bayraktar)، «ت ج گ بارتىن»  (TCG Bartın) ۋە«ت ج گ يۈز باشى» (TCG Yüzbaşı) ۋە «گۈنگۆر دۇرمۇش»  (Güngör Durmuş) ناملىق ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ 25-مارت (2026) «سومالى دېڭىز ئارمىيە ۋەزىپە گۇرۇپپىسى» پائالىيىتى دائىرىسىدە، ئاقدېڭىزنىڭ شەرقىدىن سومالىغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ 24-مارتتىن 28-مارتقىچە بىرازىلىيەدە تۈركىيە-بىرازىلىيە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى ھەمكارلىق يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى  (TAI)  تەرىپىدىن دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان بىر تۈركۈم «خاسىيەتلىك چاقماق» (Super Şimşek) ناملىق ئۇچقۇلارنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىگە سەپلەپ بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا، تۈركىيە ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ (MKE) دۇنياۋى ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇنلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان «AS9100 ئاۋىياتسىيە، ئالەم ۋە مۇداپىئە سۈپەت باشقۇرۇش سىستېمىسى گۇۋاھنامىسى» گە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli actions pushing region towards disaster: Türkiye's Erdogan
ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ