سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ترامپ ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنى ئەمەلدىن قالدۇردى، كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقىدىن بېشارەت بەردى.
ترامپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
پارس قولتۇقىدىكى بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا كۆيۈۋاتقان گاز يالقۇنى ئىران بايرىقىنىڭ يېنىدا كۆرۈنمەكتە، 25-ئىيۇل (2005) (رويتېرس، ئارخىپ سۈرەت) / Reuters

پىرېزىدېنت ترامپ ئىرانغا قىلىشنى پىلانلىغان ھۇجۇملار ھەققىدىكى قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئۇ كەسكىن ۋەزىيەت كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، داۋاملىشىۋاتقان يۇقىرى سەۋىيەلىك سۆھبەتلەرنىڭ پات يېقىندا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېخى بىر نەچچە سائەت ئىلگىرىلا تېخىمۇ كۆپ بومباردىمان قىلىش ۋە نېفىت ئېكسپورت مەركىزى بولغان خارگ ئارىلىنى (Kharg Island) «ئىگەللەش» بىلەن تەھدىت سالغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنچە پىلانلانغان ھۇجۇملارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى «ھەقىقىي مېديا»  (Truth Social) دىكى يازمىسىدا: «مەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكى ۋە تەستىقلانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۈگۈن ئاخشام ئىرانغا قىلىنىدىغان بومباردىمان ۋە ھۇجۇملارنى ئەمەلدىن قالدۇردۇم» دەپ يازدى.

ترامپ «سۆھبەت ۋە ئاخىرقى نۇقتىلار» نىڭ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، تۈركىيە، پاكىستان، بەھرەين، كۇۋەيت، ئىيوردانىيە، مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «دېڭىز قورشاۋى بۇ كېلىشىم تولۇق تاماملانغۇچە پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىشىدۇ. ئىمزا قويۇش ۋاقتى ۋە ئورنى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇملارنى قىلىشقا ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى ئىگەللەش توغرىسىدا سۆز قىلغان ئىدى.

 ئۇ پەيشەنبە (2026-يىلى 11-ئىيۇن) كۈنى ئەتىگەندە ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئامېرىكا بۈگۈن ئاخشام ئىرانغا ئىنتايىن قاتتىق زەربە بېرىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە بىز خارگ ئارىلى ۋە باشقا نېفىت ئۇل -ئەسلىھە نۇقتىلىرىنى ئىگەللەيمىز، خۇددىي ۋېنېزۇئېلادا قىلغاندەك، ئۇلارنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىمىز» دېگەن ئىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ نېفىت زاۋۇتلىرىنى قانداق ئىگەللەيدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى، بىراق بۇنداق ھەرىكەت ئۈچۈن جەزمەن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

ئۇ 28-فېۋرال (2026) باشلانغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارىشى ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا خارگ ئارىلىنى ئىگەللەش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. خارگ ئارىلى ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت سانائىتىنىڭ مەركىزى ۋە ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىراننىڭ پارس قولتۇقى قىرغىقىغا، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىر نەچچە يۈز كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran declares ceasefire 'meaningless' after latest US attacks

ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى يەنىلا يولىدا داۋاملاشماقتا

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، س ن ن (CNN) دىپلوماتىك مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يېقىنقى ھۇجۇملارغا قارىماي، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم تۈزۈش سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۇجۇملار ئۇدا ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋاملاشتى. ترامپ ئەگەر تېھران تىنچلىق كېلىشىمىنى دەرھال قوبۇل قىلمىسا، ۋاشىنگتوننىڭ ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) باياناتىدا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ چارشەنبە (10-ئىيۇن) كۈنى كېچىدىن پەيشەنبە (11-ئىيۇن) كۈنى سەھەرگىچە ئىراننىڭ كۆپلىگەن ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى، بۇنى ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكا تىك ئۇچارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدىن كېيىنكى «ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتى»  دەپ ئاتىدى.

پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىقىدا ئاپرېل ئېيى (2026) دىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر، 28-فېۋرال باشلانغان ئۇرۇشنى ئۇزۇن مۇددەت ئاخىرلاشتۇرۇش، ھورمۇز بوغۇزىنى ئېچىۋېتىش ۋە ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىدا ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىشقا مەركەزلەشكەن.

بۇ جەرياندا، ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇھەممەد مۇخبىر س ن ن غا قىلغان سۆزىدە، ئەگەر ئامېرىكا ئىراننىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلمىسا ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، تېھراننىڭ كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق ئامېرىكا ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇھەممەد مۇخبىر: «ئۇلار (ئامېرىكا) قاچان ھۇجۇم قىلسا، بىز تېخىمۇ قاتتىق ۋە تېخىمۇ ئېغىر زەربە بېرىمىز» دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: « (ترامپ) شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىدىن قىلچە چېكىنمەيدۇ. بىز تاجاۋۇزچىلارنى پۇشايمان قىلدۇرىمىز.»

ئۇ يەنە: «ئەگەر ئۇلار ئىراننىڭ مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلسا ۋە شۇ بويىچە ئىش تۇتسا، ئۇرۇش ئاخىرلىشىدۇ. بولمىسا، ئۇرۇش داۋاملىشىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Global powers urge restraint as US-Iran escalation threatens wider conflict
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»
ئىسرائىلىيە يەنە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
SpaceX ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچىدىن قانداق ئورۇن ئالدى؟
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا