مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپادىكى F-16 ۋە F-15E تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سانىنى 150 تىن 100 گە چۈشۈرىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرىنى چارلاش ئايروپىلانلىرىنىڭ سانى 26 دىن 15 كە قىسقارتىلىدۇ، شۇنداقلا ئىلگىرى ياۋروپانىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلغان 8 دانە ماي قاچىلاش ئايروپىلانىنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.
خەۋەردە يەنە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن بىر ئاۋىياماتكىنى، شۇنداقلا بۇ پاراخوتلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە قاتنىشىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئەسىگە ئايرىلغان ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنىڭمۇ باشقا بىر رايونغا يۆتكىلىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.
ۋاشىنگتون «قايتا تەڭشەش» سىگنالى بەردى
ناتو ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) بۇ مەسىلىگە ئىزاھات بېرىش تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى. ئەمما ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابى ئۆتكەن ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، گەرچە تەپسىلاتىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ناتونىڭ قوشۇن مودېلىغا قوشىدىغان تۆھپىلىرىنى «قايتا تەڭشەيدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەنىدى.
مۇشۇ يىلنىڭ ماي ئېيىدا چىققان خەۋەرلەردىمۇ، ئامېرىكانىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان چوڭ بىر كىرىزىس پەيتىدە ئىتتىپاقداشلىرىنى تەمىنلەيدىغان ھەربىي ياردەملىرىنى ئازايتىشنى پىلانلىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئارمىيەلىرىگە يېتەرلىك مەبلەغ سالماسلىق ۋە ئامېرىكانىڭ ھەربىي قوغدىشىغا بەك تايىنىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ۋاشىنگتون دائىرىلىرى ھەم ياۋروپالىق ھەم ئاسىيالىق ئىتتىپاقداشلىرىنى مۇداپىئە چىقىمىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ %3.5 گە يەتكۈزۈشكە چاقىرماقتا.


















