ئىران رەھبىرى مۇجتەبا ھامانېينىڭ، ئامېرىكا بىلەن يېڭى بىر توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىدىن كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇملارغا قارشى «تۇيۇقسىز ۋە جۇغراپىيەلىك چەك -چېگرا تونۇمايدىغان بىر جاۋاب قايتۇرۇش» يوليورۇقى بەرگەنلىكى بىلدۈردى.
ئىران رەھبىرىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا قارىغاندا، ھامانېي ئىران ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئەلى ئابدۇللاھى، ئىران ئارمىيەسى باش قوماندانى گېنېرال ئەمىر ھاتەمى، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمى قوماندانى گېنېرال ئەھمەد ۋاھىدى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن.
ھامانېينىڭ سۆھبەت جەريانىدا ھەربىي ئەمەلدارلارغا ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇملارغا قارشى تەييار بولۇشى توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكى ۋە بۇ خىل ھۇجۇملارغا «تۇيۇقسىز، ئۈنۈملۈك ۋە جۇغراپىيەلىك چەك - چېگرا تونۇمايدىغان جاۋاب قايتۇرۇڭلار» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىران رەھبىرى ھامانېينىڭ يەنە «ئەگەر دۈشمەنلەر قايتىدىن ھەربىي ياكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا مۇراجىئەت قىلسا، بۇ ھۇجۇملارنىڭ قاچان ۋە قانداق شارائىتلاردا ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قوراللىق قىسىملىرى ۋە ئىران مىللىتى قارار قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈردى.
يەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ تاكتىكا ۋە تەلىمات نۇقتىسىدىن كۈچەيتىلىشىنى ۋە يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ خەۋپسىزلىك بىناكارلىقىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ھامانېي، قوراللىق قىسىملارغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردىمىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ھامانېي بىلەن ھەربىي ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ نىشان تىزىملىكىنىڭ يېڭىلانغانلىقى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە تەۋە «ماددىي ۋە مەنىۋى» بارلىق ئامىللارنىڭ ئىراننىڭ ھۇجۇم مەنزىلى دائىرىسىدە نىشان تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقى يەتكۈزۈلدى.
سۆھبەتتە ئىرانلىق قوماندانلارنىڭ، ھورمۇز بوغۇزى، ئومان دېڭىزى ۋە دۆلەتنىڭ چېگرا رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەھۋالى بىلەن نۆۋەتتىكى ئوق-دورا سىغىمىغا ئالاقىدار ھامانېيغا دوكلات سۇنغانلىقى قەيت قىلىندى.























