خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى خەلقنى نېتانياھۇغا قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ دەۋرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، سايلىغۇچىلارنى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى.
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى خەلقنى نېتانياھۇغا قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇ دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سايلىغۇچىلارنى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى.

ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى گىلاد كارىۋ: «ئالدىمىزدىكى سائەتلەردە نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ يانتاياقلىرى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە يالغان ۋە قايمۇقتۇرغۇچى دەۋالارنى تارقىتىپ، سىلەرنى ساختا خەۋەر ھەم ئۇچۇرلارغا كۆمۈۋېتىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇقرالارنى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى.

«ئىسرائىلىيە بىزنىڭ ئۆيىمىز» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا خەلققە خىتاب قىلىپ: «بېلەت تاشلاڭلار، نېتانياھۇ دەۋرىگە ۋە ھارېدىلارنىڭ (ئاشقۇن ئورتودوكس يەھۇدىيلار) باشقۇرۇشىغا خاتىمە بېرەيلى» دېدى.

«ياشار» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى گادى ئېيزېنكوت پارتىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا: «ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە نېتانياھۇنى ئاغدۇرۇشنىڭ پەقەت بىرلا يولى بار، ئۇ بولسىمۇ ياشارنىڭ يولىدۇر» دېدى.

ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى گىلاد كارىۋمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا: «ئۆتكەن 4 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىمىزنى بۈگۈن بېلەت تاشلاش ساندۇقىغا ئېلىپ چىقىمىز» دېدى.

كارىۋ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۈگۈننىڭ «4 يىللىق ئۈمىد دەۋرىنىڭ باشلىنىشى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئالدىمىزدىكى سائەتلەردە نېتانياھۇ بىلەن ئۇنىڭ يانتاياقلىرى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ساختا خەۋەرلەرنى ئەۋج ئالدۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سايلىغۇچىلارنى بېلەت تاشلاشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيەدە پارلامېنتتىكى 120 مىللەت ۋەكىلىنى بېكىتىش ئۈچۈن بېلەت تاشلاش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا.

مەزكۇر سايلامدا 30 دىن ئارتۇق پارتىيە ۋە تىزىملىك، % 3.25 لىك سايلام بوسۇغىسىدىن ئۆتۈپ پارلامېنتقا ئەزا كىرگۈزۈش ئۈچۈن بەس-بەستە رىقابەتلەشمەكتە.

ئىزدىنىڭ
مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ۋاشىنگتون: ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلارغا سۇيىقەست قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى
چەت ئەلدىكى تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» دەرسلىكلىرى توردا تارقىتىلدى
ئىراندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدىكى مۇرەسسەچىلىكىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز
شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا 960 مىڭ مىنا كۆمگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئەنگلىيەدىن كىرىزىسلەرگە قارشى تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئەتە قازاقىستاندا باشلىنىدۇ