سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى باي رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 75 مىلىتاننىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە 56 مىلىتاننىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سومالى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بانوئودا ھەرىكىتى دائىرىسىدە، باي رايونىدىكى بۇرھاكابا ناھىيەسىگە قاراشلىق جامېكا يېزىسىدا ئەششەباب نۇقتىلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
نەچچە سائەت داۋاملاشقان ھەرىكەت دائىرىسىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، تەشكىلاتنىڭ كەم دېگەندە 75 مەنسۇپىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە 56 سىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. باياناتتا، توقۇنۇشلار داۋامىدا ئەششەباب مەنسۇپلىرىنىڭ پارتلاتقۇچ بېسىلغان ئاپتوموبىللار بىلەن سومالى ئارمىيەسىگە تەۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنى نىشان قىلغانلىقى ۋە بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سومالى ئارمىيەسىنىڭ ئەششەبابقا قارشى بانوئودا ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە تەشكىلاتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقان ئۇنسۇرلارنىڭمۇ نىشان قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
سومالى ئارمىيەسى 24-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بانوئودا ھەرىكىتى دائىرىسىدە باي رايونىدىكى لېئېگو يېزىسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىشتە 7 ئەششەباب مەنسۇپىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
سومالىدا 2006-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب، سومالى ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقئارالىق تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىغا قارشى كۆپ يىللاردىن بۇيان ھۇجۇملارنى قىلىپ كەلمەكتە. سومالى خەۋپسىزلىك قىسىملىرى خەلقئارالىق شېرىكلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن 2022-يىلىدىن بۇيان دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا تەشكىلاتقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.




















