تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كانادا باش مىنىستىرى كارنى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تېييىپ ئەردوغان كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتە، تۈركىيە-كانادا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كانادا باش مىنىستىرى كارنى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كانادا باش مىنىستىرى كارنى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تېييىپ ئەردوغان كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى سودا، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەقسەتتە تاشلانغان قەدەملەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرۈشكە ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە يەنە، كانادا باش مىنىستىرىنىڭ 1-ئىيۇل «كانادا كۈنى» بايرىمىنىمۇ تەبرىكلىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
گىرېتسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ ناتودىكى مۇھىملىقىنىڭ ئېشىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە پارتلاش يۈز بەردى
گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 گە يەتتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 6 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلۈك سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ
ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىرلىق كەسپىدېشى ھەسەن راشىد بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار
تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران چېگراغا ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇردى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى