غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا يەنە 8 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى / AA

سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 26 پەلەستىنلىكنىڭ يارالانغانلىقىنى جاكارلىدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىدا ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 8 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 26 كىشىنىڭ يارالانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 73 مىڭ 66 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان كۈندىلىك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدا، غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە 8 كىشىنىڭ جەسىتى بىلەن 26 يارىدارنىڭ ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2025-يىلى ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بومباردىمان ۋە قوراللىق ھۇجۇملار بىلەن داۋاملىق خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ قايسى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار بېرىلمىدى.

مىنىستىرلىق، ناھايىتى كۆپ ساندا كىشىنىڭ يەنىلا خارابىلىكلەر ئاستىدا ۋە يوللاردا ئىكەنلىكىنى، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە پۇقراۋى مۇداپىئە ئەترەتلىرىنىڭ ئۇ كىشىلەرگە يېتىپ بارالمايۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 1053 كە، يارىدارلار سانىنىڭ بولسا 3406 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 73 مىڭ 66 گە، يارىدارلار سانىنىڭ بولسا 173 مىڭ    514 كە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بۇ ھۇجۇملار كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشتىن باشقا يەنە، غەززەدە كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، رايوندىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەخمىنەن % 90 تى زىيانغا ئۇچرىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، غەززەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەخمىنەن 70 مىليارد دوللار مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ
تىك-توك ۋە يۇتيۇب ھىندونېزىيەدە بالىلارغا تەۋە 4.7 مىليون ھېساباتنى تاقىدى
تۈركىيە شىركەتلىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 9-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا-ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى
كانادادا ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىدۇ
قازاقىستان قاراچاگاناك كېنىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتتى
تىنچلىق كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە: جەنۇبتىكى بەزى بىرىگادىلىرىمىزنى چېكىندۈردۇق
جەنۇبىي كورېيە 500 مىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى جەڭچىسى يېتىشتۈرىدۇ
رۇسىيە: بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 660 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
تۈركىيە كوماندىسى ئامېرىكا كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى
ترامپ: ناتونىڭ ئىران ئۇرۇشى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى «ئۈمىدسىزلىك» پەيدا قىلدى
قۇرتۇلمۇش باكۇدا ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى رەئىسى غافاروۋا بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: تۈركىيەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەردوغان ئۈچۈن قاتنىشىمەن
دۇنيا بۈگۈننى يەر تەۋرەش خەۋەرلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى