گىرېتسىيەدە چىقىدىغان Kathimerini گېزىتى، پايتەخت ئەنقەرەدە 7-8-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاق ئىچىدىكى رولىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىسرائىلىيەدە بىئاراملىق پەيدا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئانالىزنى ئېلان قىلدى.
Kathimerini گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ ناتو ئىچىدىكى رولىنىڭ تېخىمۇ ئېشىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىسرائىلىيەدە بىئاراملىق پەيدا قىلغانلىقى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى ھەرىكەتلىرىدىن مەلۇم بولماقتا.
گېزىت، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە 1915-يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەنلەرنىڭ دەۋالىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنى مەزكۇر بىئاراملىقنىڭ بىر نەتىجىسى دەپ باھالىدى.
خەۋەردە نېتانياھۇنىڭ «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەيران بولۇشىنى خالىمايدىغان بىر كۈنىمۇ يوق» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ: «ئەردوغان ھېچقاچان ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەيران بولۇشى توغرىسىدا توختالمىدى، ئەمما ناتونىڭ بىردىنبىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئاشقۇنلۇقلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، 1492-يىلى كاتولىك ئىسپانىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يەھۇدىيلارنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن پاناھلىنىدىغان جاي تاپقانلىقىغىمۇ ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە: «مىللىيەتچى تۈركىيەدە خىرىستىيان ياۋروپادىكىگە ئوخشاش بىر يەھۇدىيغا قارشى تۇرۇش ھېچقاچان بولۇپ باقمىدى» دېيىلدى.




















