خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇرۇشنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن TRT World مۇنبىرىدە سۆز قىلغان مەھمەت شىمشەك، توقۇنۇشنىڭ بولۇپمۇ ئېنېرگىيە بازارلىرىدا چوڭ بىر تەمىنلەش زەربىسىنى قوزغىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
شىمشەك يۈز بەرگەن بۇ ئۈزۈلۈپ قېلىشنىڭ 1973 – ۋە 74 - يىللىرىدىكى نېفىت ئېمبارگوسىدىن ئىككى ھەسسە، رۇسىيە-ئوكرائىنا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنېرگىيە زەربىسىدىن بولسا يەتتە ھەسسە چوڭ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.


















