ئىران ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد ئەكرەمىنىيا ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان يېرىم رەسمىي «Defapress» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇردى.
ئەكرەمىنىيا ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدىن باشقا، غەربىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ سىرتدىمۇ بازىلىرى بارلىقىنى ۋە ئۇ يەرلەرگە قوشۇن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئىران قوراللىق قىسىملىرى جۇغراپىيەلىك چەكلىمىگە قارىماي، ئامېرىكاغا تەۋە بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ» دېدى.
ئۇ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ پەقەت ئىران ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەر قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنلا ئېچىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.


















