ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان 4 مىليارد دوللارلىق ياردەمنى توختىتىش قارارىدىن ئالدىن خەۋەردار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئەھۋال مېنى خۇددى چاقماق سوققاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى» دېدى.
«The Times of Israel» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پارتىيەسى «ياشار» ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۆتكۈزگەن كېڭىشىش يىغىنىدا: «ئامېرىكا ياردىمىنىڭ كېسىپ تاشلىنىشى مېنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالماقتا، ھەم ناھايىتى كۆپ ئەندىشەلەندۈرمەكتە» دېگەن.
ترامپنىڭ ئامېرىكادا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ئۆتكۈزۈلگەن 3-نويابىر كۈنى ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان 4 مىليارد دوللارلىق ياردەمنى توختىتىش قارارى توغرىسىدا: «بۇ ئەھۋال مېنى خۇددى چاقماق سوققاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى» دېگەن ھېرزوگ، ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەدە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇلماسلىقى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 3-نويابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىدىغان 4 مىليارد دوللارلىق ياردىمىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ياردەمنى توختىتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ: «ئەمدى ئىسرائىلىيەگە پۇل بەرمەيمىز» دېگەن ئىدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى KAN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپنىڭ ئامېرىكادا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر كۈتۈلمىگەن قارارى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن ئارمىيە قاتلاملىرىنى ھەيران قالدۇرغان.




















