ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى گېۋىن نيۇسوم، ئىشتات تەۋەسىدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ جازاسىنى شەرتلىك قويۇپ بېرىلمەيدىغان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ كالىفورنىيە خەلقىگە يازغان ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دېدى: «مەن ئاساسىي قانۇن ماڭا بەرگەن كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىمدىن پايدىلىنىپ، كالىفورنىيەدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ جازاسىنى شەرتلىك قويۇپ بېرىلمەيدىغان مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدىم».
ئۆزىنىڭ تەخمىنەن 30 يىلدىن بۇيان ئۆلۈم جازاسىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن نيۇسوم، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ كالىفورنىيە تەشەببۇس قىلىدىغان قىممەت قاراشلارغا پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كالىفورنىيەدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۆلۈم جازاسى بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى ئىجرا قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار سانى ئەڭ كۆپ ئىشتات ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نيۇسوم 2019- يىلى 3- ئايدىمۇ ئىشتات تەۋەسىدە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توختىتىش توغرىسىدا مەخسۇس پەرمان ئىمزالىغان ئىدى.
تېننېسسىدىكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتىكى مەغلۇبىيەت بۇ تېمىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى
ئامېرىكانىڭ تېننېسسى ئىشتاتىدا 30- سېنتەبىر كۈنى، كرىستا پايك ئىسىملىك مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۇدا ئىككى قېتىم زەھەرلىك ئوكۇل ئۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن پايك تۈرمە سىرتىدىكى بىر داۋالاش مەركىزىگە يۆتكەلگەن.
ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتىكى بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى ئامېرىكادا يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغانىدى.
تېننېسسى ئىشتاتى باشلىقى بىل لى بۇ ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئىشتات بويىچە شۇ يىلى ئىجرا قىلىنىشى پىلانلانغان باشقا ئۆلۈم جازالىرىمۇ ۋاقتىنچە توختىتىلغان ئىدى.
ئەسلىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پايك 1995- يىلى 18 يېشىدا ساۋاقدىشى كوللىن سلېممېرنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.


















