4 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئېلان قىلغان باياناتلاردا، مەزكۇر ھۇجۇم ئۇرۇنۇشىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ماكانلىرىغا تۇتقان سەزگۈرلۈكىنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
قاتار ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەدىنىنى نىشانلاش ئۇرۇنۇشىنى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇيغۇلىرىغا قارىتىلغان ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك، پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا پىسەنت قىلماسلىق ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق دەپ سۈپەتلىدى.
دوھا دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ قاتار ۋە پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى دۆلەتلىرى ئورتاق بىخەتەرلىكىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ھۇجۇم ئۇرۇنۇشىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارىتىلغان ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندىچىلىك دەپ باھالىغان كۇۋەيت، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رىيادنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بەھرەينمۇ ھۇسىيلارنىڭ مەدىنىگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئۇرۇنۇشى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا قارىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
رىيادنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 51-ماددىسىغا ئاساسەن تېگىشلىك ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بەھرەين، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا چاقىردى.
ئىيوردانىيە بولسا مەدىنىنى نىشانلاش ئۇرۇنۇشىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى قۇتراتقانلىقىنى، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئومان دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش يولىدىكى بارلىق قەدەملىرىنى يۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى لېيتېنانت گېنېرال تۇركى ئەلمالىكى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھۇسىيلار تەرىپىدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قويۇپ بېرىلگەن 1 باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن شەرقىي رايونغا نىشانلانغان 1 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى توسۇپ قېلىپ، ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.
ھۇسىيلارنىڭ ئارمىيە باياناتچىسى يەھيا سەرىئ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەممام شەھىرىدىكى پادىشاھ فەھد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن نىشان قىلغانلىقلىرىنى، ھۇجۇمنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ ئاقسىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
يەمەن ھۇسىيلارنىڭ 2014-يىلى سېنتەبىردە پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم ۋىلايەتلەرنى كونترول قىلىۋېلىشىدىن كېيىن باشلانغان ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.
يەمەندە ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار كېيىنكى مەزگىللەردە تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ھۇسىيلار ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى باھانە قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن نىشان قىلماقتا.

















