رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدا قاتناشقان 234 مەيدان مۇسابىقىسى ۋە ۋاراتاغا كىرگۈزگەن 146 توپى بىلەن، دۇنيا بويىچە دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چۈشكەن ۋە دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئەر پۇتبولچى رېكورتىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.41 ياشلىق پورتۇگالىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى كرىستىيانو رونالدو ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «دۆلەت كوماندىمىزنىڭ 7-نومۇرلۇق كۆڭلىكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى. بۇ كۆڭلەكنىڭ ھېچقاچان پەقەت ماڭىلا تەۋە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىدىم. بىراق، 23 يىل بويىچە ئۇنى كىيىش، قوغداش ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا ئېلىپ چىقىش شەرىپى، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىگە ئېرىشتىم.»بۇ كۆڭلەكنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان رونالدو: «بۇ ئاسان قارار ئەمەس، چۈنكى بەزى قارارلار پەقەت ئەقىل بىلەنلا ئەمەس، يۈرەك بىلەنمۇ چىقىرىلىدۇ» دەېدى.چولپان پۇتبولچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «2003-يىلى ئاۋغۇستتا باشلانغان ۋە ھاياتىمنى مەڭگۈلۈككە ئۆزگەرتكەن بۇ سەپەر ئاخىرلاشتى. دۆلەت كوماندىسى بىلەن باشتىن كەچۈرگەن بارلىق كەچۈرمىشلىرىمگە قايتا نەزەر سالغىنىمدا، پەقەت مۇسابىقىلەرنى، توپلارنى، رېكورتلارنى ياكى لوڭقىلارنىلا كۆرمەيمەن. ئىنسانلارنى كۆرىمەن. چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە 90 مىنۇت جەريانىدا ئۆزىنى ۋەتىنىگە بىر ئاز بولسىمۇ يېقىن ھېس قىلغان پورتۇگالىيەلىكلەرنى كۆرىمەن. ھەرگىز كۆرۈشۈپ باقمىغان، ئەمما پۈتۈن ھاياتىمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان مىليونلىغان پورتۇگالىيەلىكلەرنى كۆرىمەن. چۈنكى كۈننىڭ ئاخىرىدا پۇتبول ئاددىي ئويۇندىن كۆپ يۇقىرى مەنىگە ئىگە، پۇتبول ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر» دېدى.رونالدو پورتۇگالىيە كوماندىسى شەرىپىگە كۆرسەتكەن 234 مەيدان مۇسابىقە ۋە 146 توپ كىرگۈزگەن نەتىجىسى بىلەن، دۇنيا بويىچە دۆلەت كوماندىسى فورمىسىنى ئەڭ كۆپ كىيگەن ۋە دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئەر توپچى رېكورتىنىڭ ئىگىسىدۇر.پۇتبول تارىخىدىكى داڭلىق توپچىلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان رونالدو، پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى 2003-يىلى ئوينىغان بولۇپ، ھاياتىدا 5 قېتىم «ئالتۇن توپ» (Ballon d'Or) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.