خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى «يول قويۇلمايدىغان بىر يادرو ئورنى» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىم سۇنگيوڭ: «يەككە بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنى دۇنيانىڭ قالغان قىسمىغا ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن تاڭىدىغان ۋە خەلقئارا سىياسەت سەھنىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كۈنلەر ئارقىدا قالدى» دېدى.
شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى «يول قويۇلمايدىغان بىر يادرو ئورنى» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى «يول قويۇلمايدىغان بىر يادرو ئورنى» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى، «يول قويۇلمايدىغان بىر يادرو ئورنى» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئورۇننىڭ «ھېچقانداق شارائىتتا كەينىگە ياندۇرۇلمايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىم سۇنگيوڭ ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلدى.

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كۆپ قۇتۇپلۇقنىڭ «دەۋرنىڭ قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر يۈزلىنىشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن كىم: «يەككە بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنى دۇنيانىڭ قالغان قىسمىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلان ھالدا تاڭىدىغان ۋە خەلقئارا سىياسەت سەھنىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كۈنلەر ئارقىدا قالدى» دېدى.

كىم شىمالىي كورېيەنىڭ «يول قويۇلمايدىغان بىر يادرو ئورنى» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئورۇننىڭ «ھېچقانداق شارائىتتا كەينىگە ياندۇرۇلمايدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.

ياپونىيەگە «قوراللىنىش» نارازىلىقى

توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ «قارشى ھۇجۇم سىغىمى» نامى ئاستىدا، قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇم قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىم: «بۇ خىل ھەرىكەتلەر پۈتكۈل رايون ئۈستىدە ئۇرۇش بۇلۇتلىرىنىڭ ئايلىنىپ يۈرۈشىگە سەۋەب بولماقتا» دېدى.

ياپونىيەنىڭ قايتىدىن قوراللىنىش ئۇرۇنۇشلىرى سايىسىدا، نۆۋەتتىكى مۇقىمسىز خەلقئارا مۇھىتتىن پايدىلانغانلىقىنى قەيت قىلغان كىم، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ رايوندا يېقىنقى مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن ئورتاق مانېۋىرلىرىنى ئەيىبلىدى.

«ئامېرىكا-ياپونىيە-جەنۇبىي كورېيە ھەربىي ئىتتىپاقى تېخىمۇ تاجاۋۇزچى بىر ھەربىي گۇرۇھقا ئايلاندۇرۇلماقتا» دېگەن كىم، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى بۇ يىل قىلغان ھۇجۇملىرىنىمۇ «دۆلەت قوللىغان تېررورىزم» دەپ تەرىپلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قوشما تاموژنا كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىككى ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىندى
ئىران خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى
پاكىستاندا ساقچى ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تاشكەنتتە «تۈرك دۇنياسى دىيالوگلىرى: ئورتاق كەلگۈسى، ئورتاق تەسەۋۋۇر» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
خىتاي بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر سودىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىدە كېلىشتى
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ترامپ بوغۇزى» دەپ ئاتىغان بىر رەسىمنى ھەمبەھىرلىدى
تۈركىيە ماھىرى فەرھات ئارىجان دۇنيا لوڭقىسى گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە  ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
نىگېرىيەدە كان ئىشچىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئۇكرائىنا: رۇسىيە كىيېۋدا ئىككى بالىلار يەسلىسى ۋە ئىككى مەكتەپ بىناسىنى نىشان قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدۇ
قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېف ھەربىي ئىسلاھات پىلانى تۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى
ئىران: ھورمۇز ئۈچۈن سۇنغان شەرتلىرىمىزگە مۇرەسسەچىلەردىن ئېنىق جاۋاب كەلمىدى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە سۇكوت بايرىمىنى باھانە قىلىپ غەربىي قىرغاقنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتتى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى، نېتانياھۇغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قارارىنى ئالدى