خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى بىرماغا قايتۇرۇشنى باشلىدى
قايتۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ «ئۆز ئىختىيارلىقى ئاساسىغا تايىنىدىغانلىقى» ۋە بىرما ھۆكۈمىتى بىلەن «كېلىشىم ئاساسىدا» ھەرىكەت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى بىرماغا قايتۇرۇشنى باشلىدى
مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى بىرماغا قايتۇرۇشنى باشلىدى

مالايسىيانىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1476 بىرما پۇقراسىنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلۇش مۇساپىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۇئالالۇمپۇر ھۆكۈمىتى باشلىغان قايتۇرۇش پىروگراممىسى دائىرىسىدە، 1476 كىشى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسلار، خەۋپسىزلىك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مالايسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى لۇمۇت دېڭىز ئارمىيە بازىسى يېنىدىكى مەجلىس پېربانداران مانجۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا يېتىپ باردى.

يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىنىڭ ئارقىسىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ، دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئېلىپ بېرىلىشى ۋە بازىغا ئەۋەتىلگەن بىرما دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت كېمىلەرگە يۆتكىلىشى پىلانلانماقتا.

مالايسىيا مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، تەخمىنەن 5 مىڭ كىشىنىڭ قايتىشى نىشان قىلىنغان قايتۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ «ئۆز ئىختىيارلىقى ئاساسىغا تايىنىدىغانلىقى» ۋە بىرما ھۆكۈمىتى بىلەن «كېلىشىم ئاساسىدا» ھەرىكەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرمادا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي تازىلاش

بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدە 2012-يىلى بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار چىققان، ۋەقەلەردە كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپقان مىڭلىغان كىشى قىرغىن قىلىنغان، يۈزلەرچە ئۆي ۋە دۇكانلارغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ئاراكاندىكى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا 2017-يىلى 25-ئاۋغۇستتا قىلىنغان تەڭ قەدەملىك ھۇجۇملارنى باھانە قىلغان بىرما ئارمىيەسى ۋە بۇددىست مىللەتچىلەر، ئاممىۋى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى باشلىغان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017-يىلى ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ باڭلادېشقا پاناھلانغانلارنىڭ سانى 900 مىڭدىن ئاشقان.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئېلان قىلغان سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق يۈزلەرچە يېزىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.

ب د ت ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى «ئىرقىي تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قوشما تاموژنا كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ئىككى ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىندى
ئىران خەلقئارا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى
پاكىستاندا ساقچى ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تاشكەنتتە «تۈرك دۇنياسى دىيالوگلىرى: ئورتاق كەلگۈسى، ئورتاق تەسەۋۋۇر» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
خىتاي بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، كۆمۈر سودىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل سۆھبىتىدە كېلىشتى
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ترامپ بوغۇزى» دەپ ئاتىغان بىر رەسىمنى ھەمبەھىرلىدى
تۈركىيە ماھىرى فەرھات ئارىجان دۇنيا لوڭقىسى گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە  ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
نىگېرىيەدە كان ئىشچىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئۇكرائىنا: رۇسىيە كىيېۋدا ئىككى بالىلار يەسلىسى ۋە ئىككى مەكتەپ بىناسىنى نىشان قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدۇ
قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېف ھەربىي ئىسلاھات پىلانى تۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى
ئىران: ھورمۇز ئۈچۈن سۇنغان شەرتلىرىمىزگە مۇرەسسەچىلەردىن ئېنىق جاۋاب كەلمىدى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە سۇكوت بايرىمىنى باھانە قىلىپ غەربىي قىرغاقنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتتى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى، نېتانياھۇغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قارارىنى ئالدى