تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى «تۈركىيە-ئىراق ئورتاق ئاخبارات باياناتى» نى ئېلان قىلدى. قارارغا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ سىنجاردا پ ك ك (PKK) نىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىش جەريانىنى بىرلىكتە دەلىللەش ۋە كۆزىتىش مەقسىتىدە، ئىلگىرى قۇرۇشقا پۈتۈشۈلگەن ئورتاق بىخەتەرلىك ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 23-سېنتەبىردە ھاسىل قىلغان كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىراق دائىرىلىرىنىڭ سىنجاردا دۆلەت ھوقۇقىنى تولۇق تىكلەش ۋە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھازىرغىچە باسقان تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان قەدەملىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيە تەرەپ رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى بۇ كېلىشىمگە بىنائەن، باشىكا-زىليكان ھەربىي بازىسىنى ئىراق فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە باسقۇچلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىگە تېگىشلىك قەدەملەرنى بېسىشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


















