سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ئىتالىيە مۇداپىئە مىنىستىرى گۇيدو كروزېتتو بايانات بېرىپ، «ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى» دېدى.
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ئىتالىيە مۇداپىئە مىنىستىرى گۇيدو كروزېتتو (رويتېرس ئارخىپى)

ئىتالىيە ANSA ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كروزېتتو بىر پىروگراممىغا ئەۋەتكەن سىنلىق ئۇچۇرىدا خەلقئارا كۈنتەرتىپلەرگە باھا بەرگەن.

ئەنقەرەدە 7- ۋە 8-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە توختالغان كروزېتتو مۇنداق دېگەن: «ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى. ۋەدىلەر ئادا قىلىنىدۇ ھەمدە ھەر بىر دۆلەت ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن مەجبۇرىيەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئادا قىلىپ بولغان ھالدا يىغىنغا قاتنىشىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئالدىنقى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەردىن ئېشىپ كەتكەن باشقا بىر مەسىلىنى كۆرمەيۋاتىمەن».

ئىتالىيەلىك مىنىستىر، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ يىغىن جەريانىدا نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ۋە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت تىرامپ بىلەن ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى ھەپتىلەردە يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئىككى دۆلەت نۇقتىسىدىن ھېچقانداق مەسىلە كۆرمىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان كروزېتتو، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ 1 يىل ياكى 5 يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا «مۇكەممەل» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كروزېتتو ناتودىن باشقا بىر تاللاشنىڭمۇ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستاندا بىر ئاپتوبۇس جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ، كەم دېگەندە 40 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستاندا ئىككى ئۆينىڭ تورۇسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 4 كىشى ئۆلدى
كىيېۋدا تۈنۈگۈنكى رۇسىيە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
ۋېنېزۇئېلادا جېنىدىن ئايرىلغانلار 2500 دىن ئاشتى
ترامپ: مېنىڭچە  ئىران بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى سۇيىقەست توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ ئەدلىيە مىنىستىرى گۈرلەكنى قوبۇل قىلدى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
گىرېتسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ ناتودىكى مۇھىملىقىنىڭ ئېشىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە پارتلاش يۈز بەردى
گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 گە يەتتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 6 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلۈك سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى