ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكو، رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈن شەھەرگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 30 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كلىچكو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن كىيېۋغا قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 30 غا يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان كلىچكو، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 92 گە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن كلىچكو، 4 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 56 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كىيېۋدا «ماتەم كۈنى» ئېلان قىلىندى
ۋىتالىي كلىچكو تۈنۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن كىيېۋدا 3-ئىيۇل جۈمە كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللار مەھكىمىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ بۈگۈن كېچە سۇمى، دنىپروپېتروۋسك ۋە خاركىۋ رايونلىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، 1 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 19 كىشىنىڭ يارىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

















