سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى سۇيىقەست توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ خەتەرگە دۇچ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانلىق ئەمەلدارلارغا قارىتا پىلانلىغان سۇيىقەست پىلانلىرى توغرىسىدا تېھراننى ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى سۇيىقەست توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى سۇيىقەست توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكادا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ ھازىرقى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىراندا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىغا ئېچىۋېتىلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ باش سۆھبەت ۋەكىللىرىنى نىشان قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن پارلامېنت رەئىسى مۇھەممەد باقىر قالىبافقا قارىتا قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان سۇيىقەست پىلانلىرىغا قاتتىق قارشى تۇرغان، شۇ سەۋەبتىن ئەتىياز ئايلىرىدا مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق تېھرانغا ئىسرائىلىيەنىڭ نىيىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئەۋەتكەن.

كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى: «ئەگەر سىز بۇ كىشىلەرنى ئۆلتۈرسىڭىز، پىراگماتىستلارنىمۇ يوقاتقان بولىسىز» دېگەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتا دىپلوماتىك تاللاشلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان مارت ئېيىدىن بۇيان، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىسرائىلىيەلىك كەسپداشلىرىغا ئىراننىڭ سىياسىي رەھبەرلىرىگە قارىتا سۇيىقەستلەرنى داۋاملاشتۇرماسلىق ھەققىدە سىگنال بەرگەن.

ئانالىزچىلار بولسا ۋاشىنگتوننىڭ ئىرانغا بىۋاسىتە ئاگاھلاندۇرۇش ئەۋەتىش ئېھتىياجىنى ھېس قىلىشى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىنى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەسىرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

ئىلگىرى سۈرۈلگەن پىكىرلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەمەلدارى ئەلى لارىجانىنى ئۆلتۈرۈشى، ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋ ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ
ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار
تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئەنگلىيە مۇساپىرلارنىڭ 10 مىڭ ستېرلىڭ تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ
نىگېرىيەدە بوكو ھارام بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلدى: 2 ئادەم ئۆلدى
دوھا تېپىشمىقى: ترامپ كۆرۈشۈش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، تېھران رەت قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن ئەتە دوھادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ
پەزەشكىيان: قاتاردا توڭلىتىپ قويۇلغان مەبلەغنىڭ 6 مىليارد دوللارلىق قىسمى ئىرانغا قايتىدۇ
« تۈركىيە ناتو بىلەن رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ھالقىلىق رولغا ئىگە»
ئەردوغان: ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سۇپىسى بولىدۇ
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن 1915-يىلقى ۋەقەلەرنى كوزىر قىلىۋېلىشىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئارامكو تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋەقەسىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەزىيە بىلدۈردى
فىرانسىيەدە ئايروپىلان ۋەقەسىدە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئارامكو تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى، 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ