تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ ھىجاز رايونىدا يۈز بەرگەن ۋە جانغا زامىن بولغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ ھىجاز رايونىدا يۈز بەرگەن ۋە جانغا زامىن بولغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، قازا قىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىغا ۋە سۈرىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.
سۈرىيەدە سىجىل مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىك ئورنىتىش يولىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرگە توسالغۇ بولۇشنى نىشان قىلغان بۇ خىل ئۇرۇنۇشلارغا ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدىغانلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋابنىڭ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى قوغداش ئارقىلىق يەنە سۈرىيە خەلقى تەرىپىدىن بېرىلىدىغانلىقىغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىمىز.»
بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ بۇ جەرياندا سۈرىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىلدى.
سۈرىيە يۈز بەرگەن ھۇجۇم
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ ئەڭ ئاۋات نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان تارىخىي ھەمىدىيە بازىرىغا بارىدىغان يول ئۈستىدىكى، ئەدلىيە سارىيى يېنىدىكى بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 16 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.
سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمنىڭ قولدا ياسالغان پارتلاتقۇچ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.





















