ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا بىر بىناغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئارىسىدا بالىلارمۇ بولغان نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.
دوختۇرخانا مەنبەلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، غەززە شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىدىن نەسىر كوچىسىغا جايلاشقان بەتۇل بىناسىدىكى بىر ئۆينى كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن نىشانغا ئالغان.
نىشانغا ئېلىنغان ئۆي، چىققان ئوت ئاپىتىنىڭ ئارقىسىدىن پۈتۈنلەي ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەن بولۇپ، ھۇجۇم بىنا ئاھالىلىرى ئارىسىدا ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ پەيدا قىلغان.
دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا ھۇجۇمدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئارىسىدا بالىلارمۇ بولغان نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.
يەرلىك مەنبەلەر، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئىززەددىن ئەلبەيك ۋە مۇھەننەد ئەبۇ فۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ «غەززەدە بىر ھاماس قوماندانىنى ئۆلتۈردۇق» دېگەن دەۋاسى
يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە بولسا غەززەدە بىر ھاماس قوماندانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرايىل كاتز، ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا: «ھاماسنىڭ شىمالىي غەززە بىرىگادا قوماندانى ئىززەددىن ئەلبەيكنىڭ تۈنۈگۈن كېچە غەززە رايونىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى» ئۇقتۇردى.
ھاماس بولسا مەسىلىگە ئالاقىدار تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى.





















