سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى دۈشمەنگە ياردەم بەرگەنلىك
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ «دۈشمەنگە ياردەم بېرىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ترامپ: ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى دۈشمەنگە ياردەم بەرگەنلىك
ترامپ: ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى دۈشمەنگە ياردەم بەرگەنلىك

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئىراننى «چارىسىز قالدۇرغانلىقىنى»، بۇ دۆلەتنىڭ «(ئامېرىكاغا) تۈگىمەس ئېتىبارلارنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ھەمدە نەچچە ئون يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكاغا ۋە پىرېزىدېنتىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بولسا «ۋاقتى خاتا ۋە ئەھمىيەتسىز» بولغان بىر ئۇرۇش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«(پالاتا) دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق تېررورلۇق ھامىيسىغا قىلغانلىرىمنى ئامېرىكانىڭ يقتۇرمايدىغانلىقىنى ۋە توختىتىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتىۋاتىدۇ» دېگەن ترامپ بۇ ئارقىلىق «دۈشمەنگە ياردەم ۋە پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ تۆت جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسىنىڭ دېموكراتلار بىلەن بىرلىكتە بېلەت تاشلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ پالاتا ئەزالىرى ئىشىمنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇردى، ئەمما مەن قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىشنى قىلىمەن» دېدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى بېلەت تاشلاشتا، 4 جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسىنىڭمۇ قوللىشى بىلەن، ترامپنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارى قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

بۇ قارار كۆپىنچە سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، تولۇق قانۇنىي مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن ھەم ئاۋام پالاتاسىدىكى ھەم كېڭەش پالاتاسىدىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ ھەم ئۇرۇشقا، ھەم ترامپنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن كېلىشىمىگە بولغان بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەندىشىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى