تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى پاراگۋاي كوماندىسىغا 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى ۋە 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى.
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
تۈركىيە-پاراگۋاي مۇسابىقىسى

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى D گۇرۇپپىسىدىكى ئىككىنچى مۇسابىقىسىدە،  پاراگۋاي كوماندىسىغا 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سانتا كلارا (Santa Clara) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-پاراگۋاي مۇسابىقىسىدە، پاراگۋاي كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 65 سېكۇنت ئۆتكەندە بىر توپ كىرگۈزدى. بۇ توپ ھازىرغىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىرگۈزۈلگەن توپ بولۇپ قالدى.

تۈركىيە كوماندىسى ئاۋستىرالىيە كوماندىسى بىلەن بولغان 1-مۇسابىقىسىدىمۇ 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ پاراگۋاي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشى بىلەن 32 كوماندا ئىچىدىن چىقىش ئېھتىمالى يوق بولغان بولدى.

پاراگۋاي كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى ۋە گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈمىدى ئاخىرقى مۇسابىقىسىگە باغلىق بولۇپ قالدى.

تۈركىيە كوماندىسى 25-ئىيۇن (2026) ساھىبخان كوماندا ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان پەيتلەردە، رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش ئەلچىلەرنىڭ ئىشەنچ خەتلىرىنى قوبۇل قىلدى
لوس ئانجېلېستا دۇنيا لوڭقىسى ھاياجانى: «Turkish Vibe Zone» زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە
ئەردوغان ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خۇئېرتاسنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فەنەر رىم پاترىكى بارتولومېئوسنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە كوماندىسى پۈتۈن دىققىتىنى پاراگۋاي كوماندىسىنى يېڭىشكە مەركەزلەشتۈردى
سۈنئىي ئەقىل ئالدامچىلىقى ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدا 442 مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى
كونياغا ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
فىدان: ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك
ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن 780 مىليون ياۋرولۇق كېلىشىم
«ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى لىۋاندىكى ئۇرۇشنىڭ توختىشىدۇر»
تۇساش (TUSAŞ) دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەت» بولۇپ تاللاندى
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يېڭى بىر ئايرودۇرۇم ئېچىلدى
ئامېرىكا: ئىران بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە ھورمۇز بوغۇزى ھەقسىز ئۆتۈشكە ئېچىۋېتىلدى
تۈركىيە فەتۆ قاچقۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى