جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاپتوموبىلى تۈركىيە ۋە قازاقىستان بايراقلىرى بىلەن بېزەلگەن لىنىيەدىن ئۆتۈپ مۇستەقىللىق سارىيىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.
ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغان زالغا كىرىشىدىن كېيىن، ھەربىي ئوركېستىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشىنى ئورۇنلىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇراسىم ئەترىتىگە سالام بەردى.
ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىككى رەھبەر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، مۇخبىرلارنىڭ سۈرەتكە تارتىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئاندىن ئەردوغان بىلەن توقايېۋ ئايرىم كۆرۈشۈش باسقۇچىغا ئۆتتى.
ئايرىم كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئەردوغان تۈركىيە-قازاقىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئەردوغان بىلەن توقايېۋ ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ۋە بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
مۇراسىمغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، مىللىي مائارىپ مىنىستىرى يۈسۈپ تېكىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاجىر، سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (TDT) ئاقساقاللار كېڭىشى رەئىسى بىنالى يىلدىرىم، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ھالۇك گۆرگۈن، جۇمھۇر رەئىسنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ۋە ئاق پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسلىرىمۇ قاتناشتى.
















