يەتتە تۈرك-ئامېرىكا تەشكىلاتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 50 تىن ئارتۇق ئەزاسىغا مەكتۇپ يوللاپ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن داۋاملىق پايدىلىنىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەكتۇپتا: «75 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ناتو ئىتتىپاقدىشى، شۇنداقلا ئالدىنقى سەپتىكى بىخەتەرلىك ۋە دىپلوماتىك شېرىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن داۋاملىق پايدىلىنىشى ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. شۇڭا، ئامېرىكانىڭ F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى تۈركىيەگە سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك كۈتۈپ تۇرغان قارارلارنى قوللىشىڭلارنى، بۇ ھەمكارلىققا قويۇلغان زۆرۈر بولمىغان جازا ۋە توسالغۇلارنى بىكار قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلىمىز» دېيىلدى.
مەكتۇپتا يەنە: «بۇ سېتىشنى قوللاش — ناتو ئىچىدىكى ماسلىشىش، رايون مۇقىملىقى ۋە ئەمەلىي قىممىتى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە سېلىنغان مەبلەغدۇر» دېيىلىپ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مەكتۇپقا تۈرك-ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى، تۈرك-ئامېرىكا ئىتتىپاقى، تۈرك-ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى، تۈرك-ئامېرىكا مىللىي يېتەكچىلىك كومىتېتى، ئامېرىكا مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، جەنۇبىي رايون تۈرك-ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى ۋە ASKON USA ئىمزا قويغان.
تەشكىلاتلار ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 1831-يىلىغا تۇتىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ 1952-يىلى ناتوغا كىرگەندىن بۇيان رەسمىي شەرتنامىلىك ئىتتىپاقداش بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. مەكتۇپتا تۈركىيەنىڭ «ئىتتىپاقنىڭ شەرقىي جەنۇب چېگراسىنى مۇستەھكەملىگەنلىكى ۋە ئىستانبۇل بوغۇزى بىلەن چاناققەلئە بوغۇزىنى كونترول قىلىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.
«رايونلۇق ئىجابىي رول ئوينىغۇچى»
مەكتۇپتا يەنە، ئىنجىرلىك قاتارلىق تۈركىيەدىكى ھەربىي بازىلارنىڭ دائېشنى مەغلۇپ قىلىشتا «كەم بولسا بولمايدىغان» زۆرۈر روللارنى ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شۇنداقلا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا «رايونلۇق ئىجابىي رول ئوينىغۇچى» ئىكەنلىكى، سۈرىيەدىكى مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىغىمۇ قاتنىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
مەزكۇر مەكتۇپ 7-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 50 تىن ئارتۇق ئەزاسىغا يەتكۈزۈلگەن.
ئامېرىكا 2019-يىلى تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىغا قارشى چىققاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ F-35 پىروگراممىسىدىكى شېرىكچىلىكىنى توختاتقان. ئامېرىكا تەرەپ S-400 سىستېمىسىنىڭ F-35 ئايروپىلانلىرىغا بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە ناتو سىستېمىلىرى بىلەن ماسلىشالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۈركىيە بولسا، ئىككى سىستېما ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يوقلۇقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كومىتېت قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان.
ئۆتكەن ئايدا ناتو باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەنقەرەنىڭ F-35 سېتىۋېلىشىغا يول قويۇش مەسىلىسىنى «ئەلۋەتتە» ئويلىشىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەگە قويۇلغان CAATSA جازالىرىنى بىكار قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.



















