ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەتە ئەنقەرەگە كېلىدۇ. ئاقساراي ترامپنىڭ پىروگراممىسىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئامېرىكا) پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەتە چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىدۇ ھەمدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ.
ترامپ دۆلەتلىك كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ۋە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
چارشەنبە كۈنى ترامپ ناتو رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ۋە كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ناتو رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەت شارا بىلەنمۇ ئايرىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.
ترامپ شۇ كۈنى ئەنقەرەدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.















