سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان ئىراننىڭ ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما تاجاۋۇزچىلىققا قەتئىي سۈكۈت قىلماي ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى / Reuters

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېھران ھاكىمىيىتىنىڭ «تاجاۋۇزچىلار» قىلمىشلىرىدىن تولۇق پۇشايمان قىلغۇچە قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەزەشكىيان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «ئىران ھەر ۋاقىت ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ كەلدى؛ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە رايونلۇق خەۋپسىزلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش تەرەپدارى بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئەمما تاجاۋۇزچىلار تاكى قىلمىشلىرىدىن تولۇق پۇشايمان قىلغانغا قەدەر، بۈيۈك ئىران مىللىتىنىڭ ھوقۇقىنى قەتئىيلىك بىلەن قوغدايدۇ.»

بۇ بايانلار ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە جىددىيچىلىك ئەۋج ئالغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى توشىمىتسۇ موتېگى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسلاماباد كېلىشىمى بويىچە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئاراقچى يەنە، ئىران بىلەن ئوماننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ۋاقىتلىق ئۆتۈش يولى بەرپا قىلىش سۆھبىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 كىشىنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە، سودا سوممىسى كۆپەيمەكتە، قىزىل رەقەم ئاشماقتا
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»