خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
روسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيە ئارمىيەسى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن دۆلىتىدىكى كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلىنىڭ توكسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
روسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى
روسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى

زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىۋاتقان رۇسىيە ھۇجۇملىرى ئۈستىدە توختالدى.

پايتەخت كىيېۋدىكى بىر ئىسسىقلىق ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈن كېچە نىشان قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان زېلېنسكىي، دىنىپروپېتروۋسك رايونىدا 4 ئوخشىمىغان توك تىرانسفورموتور مەركىزىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوكرائىنانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىگىمۇ ھۇجۇملار قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن زېلېنسكىي: «رۇسىيە يەنە دىنىپروپېتروۋسك رايونىدىكى بىر تەبىئىي گاز تارقىتىش ئەسلىھەسىگىمۇ ھۇجۇم قىلدى» دېدى.

زېلېنسكىي، كېچىدىكى ھۇجۇملار سەۋەبىدىن دۆلەتتە توك توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ، دىنىپروپېتروۋسك رايونىدا تەخمىنەن 200 مىڭ ئائىلىنىڭ، كىيېۋ رايونىدا بولسا 80 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ توكسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلىتىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان زېلېنسكىي: «ھەقىقىي تىنچلىققا قاراپ كۈچلۈك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى كېرەك. بۇلار تاجاۋۇزچىغا قارشى ئېمبارگولار ۋە ئوكرائىنا ئۈچۈن يېڭى قوللاش پىلانلىرىدۇر» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىك سۆزى
سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 75 مىلىتان ئۇجۇقتۇرۇلدى
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە  ئەل خەلىل شەھىرىدىكى قورشاۋىدا تەخمىنەن 5 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆي ماكانىدىن ئايرىدى
لا لىگا ۋە مباپپې ماۋزېدۇڭ ھەققىدىكى سۆزى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى خەلقنى نېتانياھۇغا قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى
كەركۈكتە 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار بايرىمى باشلاندى
ترامپ سايلام ساختىپەزلىكىنى پاش قىلغانلارغا 1 مىليون دوللار مۇكاپات ئېلان قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلدى
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
سۈرىيە: ئىيوردانىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز