ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىدە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خۇزىستان ۋالىيلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان شەلەمچە چېگرا ئېغىزىدىكى يولۇچىلار تېرمىنالى (بېكىتى) ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ زەربە ئوبيېكتى بولغان.
ۋالىيلىقنىڭ باياناتىدا، مەزكۇر تېرمىنالدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە چېگرا ئېغىزىنىڭ قاتناشقا ئوچۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆلكىگە قاراشلىق ئەندىمەشك شەھىرىگە يېقىن بىر جاينىڭمۇ ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى «سودا پاراخوتلىرىغا تەھدىت سېلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش» ئۈچۈن يېڭى ھۇجۇملارنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئامېرىكا قىسىملىرى بۈگۈن شەرقىي ئامېرىكا ۋاقتى سائەت 17:30 دا (تۈركىيە ۋاقتى بىلەن 00:30 تە) ئالىي قوماندان (پىرېزىدېنت دونالد ترامپ)نىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىرانغا تەۋە ھەربىي نىشانلارغا يېڭى ھۇجۇملارنى قوزغىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئەتىگەن تەرەپلەردە ئاخىرلاشقان بۇ ھەرىكەت، ئامېرىكانىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئىرانغا قارشى ئۇدا ئېلىپ بارغان 12-قېتىملىق ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.




















