خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئورتاق مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
پۇتىن: «ئەڭ چوڭ ئىككى يادرو كۈچ بوش سۈپىتى بىلەن رۇسىيە ۋە ئامېرىكا دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئورتاق جاۋابكار» دېدى.
پۇتىن رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئورتاق مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
پۇتىن رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئورتاق مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى / Reuters

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت ترامپنى تەبرىكلەپ، مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش چاقىرىقىدا بولدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت رەئىسى ولادىمىر پۇتىن، «ئەڭ چوڭ ئىككى يادرو كۈچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيە ۋە ئامېرىكاغا دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئورتاق بىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

كرېمىل سارىيىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا پۇتىن، ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 250-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا، مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ پەقەت ئامېرىكانىڭ دۇنياغا كېلىشىنىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «دۇنيا تارىخىدىمۇ مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى» نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ «شىمالىي ئامېرىكالىق مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئەركىنلىك كۈرىشىنى شەرتسىز قوللىغانلىقىنى» ئىپادىلىگەن پۇتىن، موسكۋا ۋە ۋاشىنگتوننىڭ ھەر ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ ئىتتىپاقداش بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

پۇتىن ئۆز ئۇچۇرىدا مۇنداق سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى: «بىز ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش ئىدۇق، ئىنسانىيەتنى ناتسىزم دەھشىتىدىن بىرلىكتە قۇتقۇزدۇق ۋە يېقىنقى زامان دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىدا ھالقىلىق بىر رول ئوينىدۇق. بۈگۈن خۇددى شۇنىڭدەك رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەڭ چوڭ ئىككى يادرو كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياۋى خاراكتېردىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئالاھىدە بىر مەسئۇلىيەتكە ئىگە.»

موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا «ئىجابىي، باراۋەر ۋە ئۆزئارا مەنپەئەتكە تايىنىدىغان» مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن پۇتىن، بۇ قەدەملەرنىڭ ھەم ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ، ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - This July 4, America turns 250. For millions who crossed oceans to be here, the jury is still out.
ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
گىرېتسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ ناتودىكى مۇھىملىقىنىڭ ئېشىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە پارتلاش يۈز بەردى
گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 گە يەتتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 6 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلۈك سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ
ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىرلىق كەسپىدېشى ھەسەن راشىد بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار
تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران چېگراغا ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇردى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى