خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر توختىتىپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 250-يىللىقىنى قۇتلۇقلاش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن راشمور تاغلىقىدا قىلغان سۆزىدە، ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمى سەۋەبىدىن ۋاشىنگتوننىڭ سۆھبەتلەرنى قىسقا مۇددەتلىك توختىتىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر توختىتىپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر توختىتىپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تېھراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئامېرىكانىڭ ئۆلتۈرۈلگەن سابىق ئىران دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئىراندا رەسمىي باشلانغان دەپنە مۇراسىملىرى سەۋەبىدىن سۆھبەتلەرنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ جۈمە كۈنى كەچتە جەنۇبىي داكوتادىكى راشمور تاغلىقىدا، ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 250-يىللىقىنى قۇتلايدىغان «America 250» پائالىيەتلىرىدە قىلغان سۆزىدە دۆلىتىنىڭ ھەربىي ئۆتمۈشىنى ماختىدى. ترامپ: «دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيەسىنى بىز قۇردۇق. ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئۇتۇپ چىقتۇق» دېدى ھەمسە سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىنى «تارىخنىڭ قىرغاقلىرىغا كۆمۈۋەتكەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈردى. يېقىنقى مەزگىلدىكى توقۇنۇشلار ئۈستىدىمۇ توختالغان ترامپ: «بىز ۋېنېزۇئېلانى بىر كۈندىلا يەڭدۇق ۋە ئىرانغا ئېغىر زەربە بەردۇق. ئەمدى ئۇلار كېلىشىم تۈزۈشكە ئالدىرىۋاتىدۇ. كېلىشىمنى شۇ دەرىجىدە خالايدۇ. بىزمۇ سىلىق-سىپايە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، دەپنە مۇراسىمى سەۋەبىدىن ئۇلارغا بىر ھەپتە رۇخسەت بەردۇق» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ali Khamenei's funeral ceremonies open in Iran as huge crowds chant for revenge

«ئەڭ چوڭ تەھدىت»

ترامپ يەنە بۇ مۇھىم خاتىرە يىلىنى كۆككە كۆتۈرۈپ: «250 يىللىق تارىخى بىلەن ئامېرىكا، يەر يۈزىدىكى ئەڭ قەدىمىي جۇمھۇرىيەتتۇر. بىز دۇنيانىڭ ئەڭ ئەركىن خەلقىمىز. دۇنيانىڭ ئەڭ ئادىل ۋە ئەڭ چىداملىق ئاساسىي قانۇنىغا ئىگىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى. ئۇ يەنە: «ياردەم خىزمەتلىرىگە ئامېرىكالىقلاردىن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشقان، تېخىمۇ كۆپ ئاچلىقنى ئاخىرلاشتۇرغان، تېخىمۇ كۆپ كېسەلگە چارە تاپقان ياكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشقان ھېچكىم يوق» دېگەننى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ: «كوممۇنىزم، ئامېرىكانىڭ ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان ئەجەللىك بىر تەھدىتتۇر» دېدى ھەمدە بۇنىڭ «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، پېرل خاربور (Pearl Harbor) ياكى ھەتتا 11-سېنتەبىردىنمۇ تېخىمۇ چوڭ بىر تەھدىت» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ترامپ: «ئامېرىكا ھەرگىز كوممۇنىستىك بىر دۆلەتكە ئايلانمايدۇ» دېدى ۋە ئىچكى سىياسەت ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «بىز ئارىلىق سايلاملارنى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويۇشىغا يول قويغان تەقدىردىلا ئۇتتۇرۇپ قويىمىز» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى. ئاۋاز بېرىشنى ئۇزارتىش تاكتىكىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە «شەرتلىك ئامېرىكا قانۇنى» (Save America Act) قوبۇل قىلىنىغان ئەھۋالدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ «100 يىل بويىچە ھېچقانداق سايلامنى ئۇتتۇرۇپ قويمايدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran tightens security for night vigil ahead of funeral for assassinated leader Ali Khamenei

 

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
گىرېتسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ ناتودىكى مۇھىملىقىنىڭ ئېشىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە پارتلاش يۈز بەردى
گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 گە يەتتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 6 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلۈك سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ
ئىبراھىم قالىن پايتەخت ئەنقەرەدە مىسىرلىق كەسپىدېشى ھەسەن راشىد بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار
تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران چېگراغا ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇردى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى