جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كىرىستىئان شتوككېر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ: «تامۇژنا ئىتتىپاقىنى يېڭىلاش ۋە ۋىزىنى ئەركىنلەشتۈرۈش دىئالوگى قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشلىشى كېرەكلىك قەدەملىرىنىڭ ھەممىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ئويغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم» دېدى.
ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە باش مىنىستىر سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان شتوككېرنى ئەنقەرەدە كۈتۈۋېلىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تارىخىي ۋە كۆپ يىللىق مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان: «ھېچ شابھىسىزكى، ئاۋسترىيەدە 400 مىڭدىن ئاشىدىغان تۈرك خەلقى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قىممىتى ۋە بايلىقى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، ئاۋسترىيە تۈرك جەمئىيىتىنىڭ ئامانلىقى ۋە پاراۋانلىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىمىزنى بۈگۈنكى سۆھبەتلەرلىرىمىزدىمۇ تەكىتلىدۇق» دېدى.
ئەردوغان شتوككېر بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق يۆنىلىشلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى بىلەن رايون خاراكتېرلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىككى تەرەپ سودا ئومۇمىي سوممىسى
ئاۋسترىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئاخىرقى مەزگىلدە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي يۈزلىنىشنى، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ كۆرۈشتىن خۇشال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان مۇنداق دېدى:
«ئاۋسترىيە بىلەن يېشىل ئېنېرگىيە، ھالقىلىق مىنېراللار، يۇقىرى تېخنىكا، قاتناش ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىدە مۇھىم ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگىمىز. بولۇپمۇ ئوتتۇرا كارىدورنى كۈچەيتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېردىكى ھەمكارلىقنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.
تۈركىيە، بىخەتەرلىك ۋە كۆچ تەڭپۇڭلىقى مەسىلىسىدە ئاچقۇچلۇق دۆلەت
ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كىرىستىئان شتوككېر بولسا، تۈركىيەنىڭ ھەم ئاۋسترىيە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ۋە كۆچ تەڭپۇڭلىقى مەسىلىسىدە ئاچقۇچلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
قانۇنسىز كۆچمەنلىك، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە تەشكىللىك جىنايەتكە ئوخشاش مەسىلەلەردە دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىنتايىن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان شتوككېر، تۈركىيەنىڭ 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
شتوككېر: «ئىنتايىن مۇھىم، ئاساسەن تەقدىرلەشكە لايىق بىر ھەرىكەت دەپ قارايمىز» دېدى ھەمدە ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ قايتىدىن تاپشۇرۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



















